باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئالتۇن كۈز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى» 721 كىشىنى ئىش ئورنىغا ئىگە قىلدى

2014.10.16 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: باي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجىتمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىش تېپىش ئېھتىياجى ۋە كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يېقىندا بىر مەيدان «ئالتۇن كۈز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى» چوڭ تىپتىكى نەق مەيداندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ناھىيەگە ماكانلاشقان چوڭ-ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانا-گۇرۇھلارنى ۋە ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلىدى، بۇ كۈنى نۇرغۇن كىشى كارخانا بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توختامنامىسى تۈزۈشتى.

  ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مەھەممەت ئوسمان مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى بىر يېزىلىق ھۆكۈمەتتە توختاملىق ئىشچى بولۇپ، ئايلىق ئىش ھەققىم 1200 يۈەن ئىدى، بۈگۈن مەن جىنخۇي شىركىتى بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش مۇددىئانامىسى ئىمزالاپ خىزمەت تاپتىم، بىر ئايلىق ئىش ھەققىم 3000 يۈەندىن 3500 يۈەنگىچە بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى «ئالتۇن كۈز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى» نەق مەيداندا ئىشقا تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا باي ناھىيەسىدە ماكانلاشقان 23 كارخانا قاتناشقان بولۇپ، 70 دىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرى بىلەن تەمىنلىنىپ، 721 كىشى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنغان. تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا ناھىيەدىكى ئاھالىلەر قاتناشقاندىن سىرت، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرمۇ كېلىپ قاتناشقان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر