باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2014-يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ

2014.10.16 17:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-ئۆكتەبىردىن 28-ئۆكتەبىرگىچە ئۈرۈمچى قىزىلتۆپە خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «2014-يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك سودا يەرمەنكىسى ۋە 4-نۆۋەتلىك تائام مەدەنىيەت بايرىمى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېمەكلىك سودا يەرمەنكىسى » دەپ ئېلىندى) دا ، سەككىز تۈر كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلىدىكەن ۋە جىننېس دۇنيا رىكورتىغا ئىلتىماس قىلىنىدىكەن . بۇنىڭ بىلەن شەھەر ئاھالىلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ تائاملارنى ھەقسىز تېتىپ ، جىننېس دۇنيا رىكورتى تۈرىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە گۇۋاھ بولىدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىملىق « يېمەكلىك سودا يەرمەنكىسى » دە ئىلتىماس قىلىنىدىغان جىننېس دۇنيا رىكورتى تۈرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا : ئەڭ چوڭ مىس قاچا ، تۈمەن كىشىلىك شورپىلىق تۈگۈر ، تۈمەن كىشىلىك يەرلىك تۇخۇ دۈملىمە قاتلىمىسى ، ئەڭ چوڭ سوقماق ، تۈمەن كىشىلىك قېتىقلىق تورت ، ئەڭ چوڭ پىسا قاتلىمىسى ، تۈرى ئەڭ كۆپ لەڭمەن ، ئەڭ چوڭ تۆگە تونۇر كاۋىپى قاتارلىقلار ئىكەن .

  بۇنىڭ ئىچىدە ، ئەڭ چوڭ پىسا قاتلىمىسىنىڭ دىيامېتىرى ئىككى مېتىر كېلىدىكەن ، نەق مەيداندا پىشۇرۇلىدىكەن ؛ تۈرى ئەڭ كۆپ لەڭمەنگە 65 خىل ماتېرىيال ئىشلىتىلىدىكەن ، ئوخشىمىغان 56 خىل قورۇما قورۇلۇپ ، قوناق ئۇنى ، قىزىل پۇرچاق ئۇنى ۋە قارا بۇغداي ئۇنى قاتارلىق ئوخشىمىغان ئۇنلاردا لەڭمەن چۆپى تارتىلىدىكەن ؛ تۈمەن كىشىلىك قېتىقلىق تورت بولسا ئۆزگىچە «ھورداش » تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ، مورى نۇقۇتى قوشۇلۇپ ياسىلىدىكەن ؛ «ئەڭ چوڭ سوقماق» شىنجاڭنىڭ ھەرخىل قۇرۇق مېۋىلىرىدىن تەييارلىنىدىغان بولۇپ ، تەمى شېرىن ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم يېيىشلىك ئىكەن .

  بۇ قېتىملىق جىننېس دۇنيا رىكورتى تۈرىنىڭ مەسئۇلى شيوڭ سەيشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ يىل «جۇڭگو مۇسۇلمانلار تائام بايرىمى » «يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك سودا يەرمەنكىسى» گە ئۆزگەرتىلىدىكەن ، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەردىن خەلقارالىق ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپلا قالماستىن ، يەنە چەت ئەل كارخانىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرەلەيدىكەن ، سەككىز جىننېس دۇنيا رىكورتى تۈرى بۇ قېتىملىق « يېمەكلىك سودا يەرمەنكىسى » دىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا ھېسابلىنىدىكەن .

  بۇ قېتىملىق يېمەكلىك سودا يەرمەنكىسىدە شەھەر ئاھالىلىرى يەنە «تائام شاھى ـــ خەلقئارالىق ئاشپەزلىك ئۇستىلىرى مۇسابىقىسى »، «مەملىكەتلىك يۇلتۇز دەرىجىلىك ساماۋار شورپىخانىسى كۆرگەزمىسى »، «ئۈرۈمچى داڭدار كارخانىلار كۆرگەزمىسى » قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەرنى كۆرەلەيدىكەن .

  (پىراكتىكانت يۈسۈپجان يولۋاس ، توختىنىسا ئىمىرغازى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر