باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجياڭدا كۆچمە نوپۇسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولايلىق كارتا بېجىرىشى ھاجەتسىز

2014.08.11 10:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈندىداردا: قەدىرلىك دوستلار، ھازىردىن باشلاپ، كاماندىروپكا، ساياھەت، تۇققان يوقلاش سەۋەبىدىن مەزكۇر شەھەردىن چىقماقچى بولغانلار، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ، «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاتىرىسى يوق»لۇق ئىسپاتى كەستۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ، ئاھالىلار قولايلىق كارتىسى بېجىرىشى، شىنجياڭدىن چىقماقچى بولغان خادىملار يۇقۇرىقى ئىككى كېنىشكىدىن باشقا يەنە مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ، تۇرۇش كېنىشكىسى بېجىرىشى كېرەك، دىگەن ئۇچۇر تارقىلىپ يۈرمەكتە. بۇ پۈتۈنلەي پىتنە-ئىغۋا بولۇپ، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇنداق تۈزۈمنى بېكىتكىنى يوق. شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەلدارى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئونىۋېرسال باشقۇرۇش ئىشخانىسى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى نازارىتى بۇ يىل بىرلىكتە « شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆچمە نوپۇسلار ئاھالىلار قولايلىق ئالاقە كارتىسى بەلگىلىمىسى سىناق نۇسخىسى»نى تۈزۈپ، قولايلىق كارتا تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتىلىدىغانلىقىنى، مەسىلەن: شىنجياڭ ئىچىدە سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىش، دېھقانچىلىق قىلىش، سودا قىلىش، داۋالىنىش، ئوقۇش، تۇققان يوقلاش ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بارغان يېرىدە ئۆي ئىجارە ئېلىش زۆرۈر بولغان كىشىلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئېنىق بېكىتتى. بۇنى بارلىق كۆچمە نوپۇسلارنىڭ ھەممىسى بېجىرىشى كېرەك، دىگەن گەپ ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر