باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى 539 مڭ 100 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

2014.03.25 08:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-مارت ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بۇ يىللىق ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى . يېڭى ئۆلچەم بويىچە ، شىنجاڭنىڭ ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى ، يەنى، شىنجاڭدا ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بىر قېتىمدىلا 539 مىڭ 100 يۈەن ياردەم پۇلى ئالىدىغان بولۇپ ، بۇ بۇلتۇرقىدىن 47 مىڭ 800 يۈەن ئاشتى .

  بۇ يىل دۆلىتىمىز ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بالدۇر ئېلان قىلغانلىقتىن ، ئاپتونوم رايونىمىزمۇ ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى بۇلتۇرقىدىن ئىككى ئاي بالدۇر ئېلان قىلغان . گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى ›› نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ، ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمى مەملىكەت بويىچە شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئالدىنقى يىللىق كىرىمىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە بولىدۇ . دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، مەملىكەت بويىچە شەھەر–بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى 2013-يىللىق كىرىم 26 مىڭ 955 يۈەن بولغان . ئاپتونوم رايونىمىز بۇ ئۆلچەم بويىچە ( 26955×20=539100يۈەن) بۇ يىللىق ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى بېكىتىپ چىققان بولۇپ ، بۇ يىل يانۋاردىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىلىرىدە يېڭى ئۆلچەم بويىچە تۆلەم تۆلىنىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر قايسى ئورۇنلاردىن تەمىنات-تۆلەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭى ئۆلچەم بويىچە ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئورنىدا تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ياكى 48 سائەت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى ‹‹ئىشتا ئۆلگەن ›› دەپ بېكىتىدىكەن . ئىشچى–خىزمەتچى ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن دەپنە ياردەم پۇلى ، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى ئالىدۇ ۋە ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى ئالىدىكەن . خىزمەتچىنىڭ ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى ئادەتتە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى بېرىدىكەن ، بىراق ، ‹‹ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى ››نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلارنىڭكىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېرىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر