- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىلى شىنجاڭ 654 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 390 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدۇ
2014.03.25 08:56 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل شىنجاڭدا 390 مىڭ نەپەر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايوننىڭ 654 مىليون يۈەن ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشەلەيدىكەن .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ پۇلنىڭ 359 مىليون يۈەنى 143 مىڭ نەپەر ئائىلىسى نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ، 184 مىليون يۈەنى 157 مىڭ نەپەر ئائىلىسى نامرات ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ، 111 مىليون يۈەنى 92 مىڭ نەپەر ئائىلىسى نامرات ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاجرىتىلىدىكەن . دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردىمىدىن باشقا ، جەمئىيەتتىن يىغىلغان ياردەم پۇللىرىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلىتىلىدىكەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ۋىلايىتى ، خوتەن ۋىلايىتى ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ، كەلپىن ناھىيەسى ۋە چەت ، يىراق 24 ناھىيەدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ياتاق ۋە ئوقۇش ماتېرىيال ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن ، بۇنىڭغا كېرەكلىك بارلىق خىراجەتنى ئاپتونوم رايون مالىيەسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، 2013-يىلى شىنجاڭدا ئالىي مائارىپ ئوقۇش ياردەم مەبلىغىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار %70 تىن ئاشقان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر