باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى غەربىي رايوننى يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى

2014.03.08 08:28         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېن فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى 5 –، 6 – مارت ساھەلەر بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەزالار: دوكلاتتا خۇلاسىلەنگەن ئۆتكەن بىر يىللىق نەتىجىلەر كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان توققۇز جەھەتتىكى تەرەققىيات نىشانى – ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت تەدبىرىنى ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدۇ. دوكلات ئىسلاھات ئاساسىي لىنىيەسىگە بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، باش تېمىسى روشەن، نىشانى ئېنىق، يېزىق ئۇسلۇبى پۇختا بوپتۇ، بۇنىڭدا دادىل يېڭىلىق يارىتىش، دادىل زىممىسىگە ئېلىشتەك ئىسلاھات جاسارىتى ۋە ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بوپتۇ، دېيىشتى.

  ئەزا نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، كۈچلۈك ئىسلاھات روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى نامايان قىلىنىپتۇ، جەڭگىۋار ئىرادە، ھايات – ماماتلىق ئېلىشىش روھى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زۆرۈر بولغان غەيرەت – جاسارەت نامايان قىلىنىپتۇ؛ دوكلاتنىڭ ھەممىلا يېرىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ‹‹خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم›› دەيدىغان ئىدىيە خەلق تۇرمۇشىغا غەمخورلۇق قىلىشتەك چوڭقۇر مۇھەببەتنى نامايان قىپتۇ؛ دوكلاتتا خەلقنىڭ ئارزۇسى بىزنىڭ سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش نىشانىمىز ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە زىممىسىگە ئېلىش ئېڭىنى نامايان قىپتۇ، بۇ كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ.

  نۇرلان ئابىلمەجىن شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن مەسىلە توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. ئۇ دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ھەم ئۇنى چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىشتىكى سىناق نۇقتا قىلىنىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شىنجاڭدا ‹‹دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، ئېچىۋېتىشنى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى›› ۋە ‹‹جۇڭگو – ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا رايونى›› تەسىس قىلىشىنى؛ غەربىي رايون ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، شەھەر مەمۇرىيىتى، چېگرا ئېغىزى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ ئېتىبارلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈشىنى؛ تەبىئىي بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، بايلىق بېجى نىسبىتى، ئېنېرگىيە، بايلىقنىڭ باھاسىنى بېكىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تولۇقلىمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىككە تېخىمۇ كۆپرەك مايىللىشىشىنى تەۋسىيە قىلدى؛ ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا ئىلھام بېرىشى ۋە بۇنىڭغا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.

  ئەزا خۇا شىفېي، ۋاڭ جىلياڭ بىڭتۈەننىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى. ئۇلار: دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات تەپەككۇرىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش مۇستەھكەم ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن، بۇ ھەم بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسىنى كۈچەيتتى ۋە مۇستەھكەملىدى. بىڭتۈەن بۇرچنى ئادا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ پائال ھەرىكەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ياردەم بېرىدۇ، دېيىشتى.

  ئەزالار مۇزاكىرە داۋامىدا دوكلاتقا بىرلەشتۈرۈپ تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئۈستىدە توختالدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسەتتى.

  ئەزا جيا ديەنزېڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش، باراۋەر راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇنىڭدىن بىزدەك مائارىپ خىزمەتچىلىرى ناھايىتى ئىلھاملاندۇق. ئۇزاقتىن بۇيان، مەركەزنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى. يىراق كەلگۈسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يەنىلا شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر يېتىشتۈرىدۇ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  رايون تەرەققىيات ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈش... دوكلاتتىكى غەربىي رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەدبىرلەر ئەزالارنى ناھايىتى روھلاندۇردى. چۆجىپ، خۇاڭ چاڭيۈەن، جۈرئەت مەمتىمىن، شۈ ۋېيشى، ئابلىمىت ئەخمەتتوختى قاتارلىق ئەزالار سۆز قىلىپ: دوكلاتتىكى غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىشكە ئالاقىدار سىياسەت ۋە تەدبىرلەر شىنجاڭغا نىسبەتەن مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، فۇنكسىيەمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز، دېيىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر