باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۈرئەت مەمتىمىن: سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مۇھىتى پائال يارىتىلسا

2014.03.08 08:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى، مۇئاۋىن نازىر جۈرئەت مەمتىمىن 4-فېۋرال گۇرۇپپا يىغىنىدا كۇنمىڭ ۋوگزالىدىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئابدۇرېھىم قۇربان باشچىلىقىدىكى سەككىز تېررورلۇق شايكىسى تەلۋىلەرچە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ ۋوگزالىدا ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلدى. بۇ ئۈچ خىل كۈچ شۇنداقلا بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ تەرتىپى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق چېكىگە پەيدا قىلغان بىر قېتىملىق خىرىس. مەن مۇنداق ئۈچ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

  1.بىز يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەملىكەت قاتلىمىدىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچ خىل كۈچ بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك، مۇرەككەپ ياكى كەسكىن ئىكەنلىكىنى تونۇشىمىز لازىم.

  2.سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مۇھىتىنى پائال يارىتىپ، ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەۋقەنى ھازىرقىغا قارىتىپ، خەۋپنىڭ ئالدى ئېلىپ، ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تىزدىن چىقارساق ياكى ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرىدىغان بەلگىلىمە چىقارساق.

  3.ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىدىغان تۈزەش سىستېمىسى ئىلمىي ئورنىتىلسا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر