باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش ئانا–بالىلار ساغلاملىقىنىڭ كاپالىتى

مېھرىگۈل تۇردى

2014.03.06 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۆجەيرىسى. دۆلىتىمىزنىڭ 12 – بەش يىللىق نوپۇس تەرەققىيات پىلانىدا ‹‹ئائىلىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە ياخشىلاش›› تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بولۇپ، بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدە ئائىلە سىياسىتىنى ياخشىلاشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى›› ۋە ‹‹ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش بەلگىلىمىسى››دە، ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى 90 كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، دۆلىتىمىزدە ئاياللار بوشانسا ئادەتتە ئۈچ ئاي ئەتراپىدا دەم ئالىدۇ. خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا دۆلىتىمىزدىكى ئاياللارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىدىن بەھىرلىنىش ۋاقتىنى تولىمۇ قىسقا، دېيىشكە بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاسىيەت ئېلى مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە مەخسۇس ئىزدىنىپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلقئارادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىدىن بەھىرلىنىش ئەھۋالى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنىغا ‹‹خىزمەتتىكى ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىنى بىر يىلغا ئۇزارتىش›› تەكلىپىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ تەكلىپ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.

  خاسىيەت ئېلىنىڭ دېيىشىچە، خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەت ئائىلە ئەزالىرى يولۇقىدىغان ئوخشىمىغان ئېھتىياج ۋە قىيىنچىلىق، بولۇپمۇ ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان ئائىلىدىن، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان، بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قاتار سىياسەت – تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ۋە كېڭەيتكەن. بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئانا سۈتىنىڭ بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ، تۇغۇت دەم ئېلىشى چەكلىك بولغاچقا، دۆلىتىمىزدىكى خىزمەتتىكى ئاياللارنىڭ بەزىلىرى ئامالسىز ئۈچ ئايدىلا بالىنى سۈتتىن ئايرىشقا مەجبۇر بولغان. گەرچە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىدە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ بالا ئېمىتىش ۋاقتى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولۇش، خىزمەت شارائىتى يار بەرمەسلىك قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى خىزمەتتىكى ئاياللارنىڭ بالا ئىمىتىش ۋاقتى ئاتاقتا بار ئەمەلىيەتتە يوق ئىش بولۇپ قالغان. يەنە بىر جەھەتتىن، ئانىنىڭ بالىغا ھەمراھ بولۇشى بالىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك يېتىلىشى، پىسخىكىلىق تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئەڭ دەسلەپكى ئائىلە تەربىيەسى بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان بالىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان بالا باققۇچىلارنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىشى نوپۇسنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تولىمۇ پايدىسىز ئىكەن.

  خاسىيەت ئېلى مۇنداق دېدى: مەن تۆۋەنگە خىزمەت تەكشۈرگىلى بارغاندا خىزمەتتىكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ تولىمۇ قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. مەنمۇ نەۋرىلىك بولدۇم، خىزمەتتىكى ياش ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى كۆز ئالدىمدىلا تۇرۇپتۇ. بىز ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز دەيدىكەنمىز، ئىشنى ئاياللار، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن باشلىشىمىز كېرەك. بالا ئانا مېھرىگە قانسا ساغلام چوڭ بولىدۇ، ئانا ساغلام بولسا بالىنى ساغلام باقالايدۇ، بۇ ئۆزئارا زىچ باغلىنىشلىق ئىش. قىسقىسى، تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر