خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن «شىنخۇا نەزەر نۇقتىسى» مىكرو بلوگىدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭ 4-چېسلا چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.
باش شۇجى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا دائىر «تۆت سوئال» سورىدى
ئۇيغۇر ئەزا ئەنۋەر ئىمىن شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭغا ھەمكەسىپلەر بويىچە نۇقتىلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ـ شەھەرلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى. باش شۇجى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭۈل بۆلۈپ، «ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭغا قايتامدۇ؟»، «نىسبىتى قانچىلىك؟»، «يىلدا قانچىلىك ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ؟»، «كۆپ قىسمى قايتىپ كېتەمدۇ؟» دېگەن سوئاللارنى سورىدى.
مەنبە: خەلق تورى