خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-مارت، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «شىنخۇا نەزەر نۇقتىسى» مىكروبلوگىدىن قارىغاندا، 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقان. ۋەكىللەر ئىسلاھاتنى زىچ چۆرىدەپ مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىپ، تەكلىپلەر. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن، مەن تۇنجى قېتىم جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق ئىلىپ بېرىشتا ئاۋۋال گۇاڭدۇڭنى يەنى ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان جاينى تاللىدىم، ئۆتكەن 30 يىللىق تارىخقا قارايدىغان بولساق، ئىسلاھات ــ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش قارارىنى يەنىمۇ جاكارلىغۇمىز كېلىدۇ. مەن گۇاڭدۇڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: خەلق تورى