باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ نېفىت تارمىقىدىن باشقا كەسىپلىرىنىڭ ئېكسپورت سودىسىغا قارىتىلغان بېسىم يېنىكلەشكە باشلىدى(1)

2014.03.06 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى خەلقئارانىڭ ئەندىشىسىنى بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراننى جازالاش تەدبىرىنى قوللاندى، ئۇندىن باشقا غەرب ئەللىرىمۇ ئۆز ئالدىغان ئىراننى جازالىغانلىقتىن، ئىران ئىقتىسادى غايەت زور زەربىگە ئۇچرىدى، روخانى تەختكە چىققاندىن كېيىن، يادرو مەسىلىسىدە خەلقئاراغا ئاكتىپ سىگنال بەرگەنلىكى ۋە ئىجابىي تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن، ئىرانغا قارىتىلغان جازا بىرئاز يېنىكلىدى ، بۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ نېفىت تارمىقىدىن باشقا كەسىپلىرىنىڭ ئېكسپورت سودىسىغا قارىتىلغان بېسىم يېنىكلەشكە باشلىدى.

  كۆپ يىل داۋاملاشقان خەلقئارالىق جازا، ئىراننىڭ ئېكسپورت سودىسىغا غايەت زور زەربە بولدى، بىراق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە خەلقئارا جازالاش كۈچىنىڭ يېنىكلىشى بىلەن، جازالاشنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرىغان ئىراننىڭ نېفىت كەسپىدىن باشقا تارماقلىرىنىڭ ئېكسپورتى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىشكە باشلىدى.

  يېقىندا دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن پارس قولتۇقى رايونى يېمەكلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە، ئىراننىڭ 46 ئېكسپورت كارخانىسى كوللېكتىپ پەيدا بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا روخانى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىراننىڭ بىر قىسىم كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا سودا سىستېمىسىغا قايتقانلىقى توغرىسىدا سىنگال بېرىلدى دەپ قارالدى. پارس قولتۇقى رايونى يېمەكلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆتكەن يىلى ئىراننىڭ 20 دىن كۆپرەك ئېكسپورت كارخانىسى كۆرگەزمىگە قاتناشقان. رىسا ئىراننىڭ يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىسىنىڭ ئېكسپورتقا مەسئۇل دىرېكتورى ، ئۇنىڭ شىركىتىمۇ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشقان شىركەتلەرنىڭ بىرى. ئۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئىراننىڭ ئېكسپورت سودىسىگە بىر سودا يولى ئېچىپ بەردى.

  بۇندىن ئىلگىرى، ئىران يادرو پىلاندىكى تالاش-تارتىشلاردا قاتتىق پوزىتسىيەگە ئۇچرىغانلىقتىن، 2010-يىلدىن باشلاپ، ئىران كۆپ قېتىم خەلقئارا جازاغا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك جازاسىغا ئۇچرىدى، پۇل-مۇئامىلە كەسپى بىلەن نېفىت تارماقلىرى جازالانغان مۇھىم نۇقتا بولغاچقا، ئىران ئىقتىسادىي ۋە تاشقى سودىسى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. نېفىت تارماقلىرىنىڭ ئېكسپورتى ئىزچىل تۈردە ئىراننىڭ مۇھىم كىرىم مەنبىي بولۇپ كەلگەن ئىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ئىراننىڭ %75 سودا كىرىمى نېفىتتىن كېلىدىكەن. بىراق، كۆپ قېتىم جازانىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 2011-يىلدىن بۇيان، ئىراننىڭ نېفىت تارماقلىرىنىڭ ئېكسپورت كىرىمى %50 ئازايغان. نېفىت ئېكسپورتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى بىلەن ئىراننىڭ يېمەكلىك كەسپىنىڭ ئېكسپورتى جازاغا ئۇچرىمىغانلىقتىن، ئىقتىسادنىڭ ئارقىغا چېكىنىشى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇشدەك ئازابلارغا ئۇچرىغان ئىران ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم بولغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر