خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن بۇيان، «8-مارت»خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 104 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدا مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت،كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلىپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلىندى. (يوپۇغا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاخبارات- ئۇچۇر مەركىزىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خەيرىنسا ئابلىمىت فوتوسى)
سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 4-كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۇمبۇل چاچلىق ئاياللار مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش.
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى