باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى-ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شياۋيى ۋەكىل مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ بېرىلىشىگە مەبلەغ كەم ئەمەس

2014.03.09 18:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا خەلق تورى جامائەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان 21 مەسىلە ئۈستىدە توردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئىجدىمائىي كاپالەت مەسىلىسى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۈتۈنۈش مەسىلىسى قىزىق نۇقتا بولدى. كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنامدۇ-يوق؟ تەمىنات قانداق تەڭشىلىدۇ؟ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىسلاھاتى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

  ئىككى يىغىن e سارىيىغا تەكلىپ قىلىنغان ئادەم كۈچى بايلىقى-ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شياۋيى (سولدىن 2-كىشى) جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچىڭ شەھىرى كېسەللىك تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل شېن جىنجىن (سولدىن 3-كىشى)، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرستىتى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور چۇ فۇلىڭ (سولدىن 4-كىشى) بىرلىكتە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، ئۆز مۇخبىرىمىز بەي تيەنلياڭ (سولدىن 1-كىشى) زىيارەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ بېرىلىشىگە مەبلەغ كەم ئەمەس.

  رىياسەتچى: يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە بەزى ئالىملار ۋە ئاپپاراتلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدا كىرىمنىڭ چىقىمدىن تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ بېرىلىش-بېرىلمەسلىكىدىن نۇرغۇن ئادەم ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ.

  خۇ شياۋيى: پۇقراغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئالدى بىلەن شۇ مەزگىلدىكى كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. 2013-يىلى مەملىكەت كارخانىلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئومۇمىي چىقىمى 1 ترىليون 840 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، ئومۇمىي كىرىم 2 تىرىليون 250 مىليارد يۈەن بولۇپ، كىرىم چىقىمدىن 400 مىليارد يۈەن ئاشتى، دېمەك، كىرىم چىقىمغا يەتمەيدىغان، مەبلەغ كېمىيىدىغان ئىش مەۋجۈد ئەمەس.

  يىراقنى كۆزلىگەندە، ئېلىمىزدە قېرىلىشىش سۈرئىتى ناھايىتى تېزلىشىۋاتىدۇ، شۇڭا، فوندنى ئۇزاققىچە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن، كۈتۈنۈش سۇغۇرتد جۇغلانمىسى بارغانسىرى كۆپىيىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە جەمئىي 3 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلىتىمىز مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئىستراتىگىيەلىك زاپاس تەييارلىدى، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى تەسىس قىلىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە 1 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.

  مېنىڭچە خەلق ھۆكۈمىتىمىز بۇ ھەقتە ئىنتايىن كۈچلۈك ۋەدە بېرىدۇ، شۇڭا مويسىپىتلىرىمىز بۇ ھەقتە غەم قىلمىسا بولىدۇ، يەنە كېلىپ تۇرمۇشى بارغانسىرى ياخشىلىنىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر