خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جۇڭگو ئارزۇسى كەڭ خانىم-قىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ئايال ۋەكىللەر ۋە ئەزالار خەلقنىڭ مۇھىم ھاۋالىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، بۇرچىنى پائال ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، دۆلەت، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئايال مۇخبىرلار، ئايال خىزمەتچى خادىملار ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئۈن-تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىش، ئىككى يىغىنغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تەر تۆكمەكتە، ئۇلار ئىككى يىغىندىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولۇپ قالدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى