باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ‹‹ئاسان ئەستە ساقلىغىلى بولىدىغان ئون جۈملە سۆز››

2014.03.06 17:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپ قىسىم كىشىلەر ‹‹ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى چۈشىنىش تەس ›› دەپ ئويلايدۇ ، 2014–يىلىدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ئىخچام ، چۈشىنىشلىك ، ئاممىباك بولۇپ ، كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدۇ . تۆۋەندىكىسى ئاسان ئەستە ساقلىغىلى بولىدىغان ئون جۈملە سۆز :

  1. بازاردىن ئىبارەت بۇ ‹‹كۆرگىلى بولمايدىغان قول ›› نى قويۇۋېتىپ ، ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت بۇ ‹‹كۆرگىلى بولىدىغان قول›› دىن ياخشى پايدىلىنىش .

  2. خەلقنىڭ ئارزۇسى بىزنىڭ سىياسىينى يۈرگۈزۈشىمىزدىكى نىشانىمىز .

  3. ‹‹ئۈچنى ئۆزگەرتىش ››: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەدىن باشلاپ ئۆزگەرتىش، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنى توسۇۋاتقان ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىش ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايدىغان ھالقىلاردىن باشلاپ ئۆزگەرتىش .

  4. لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ ، لەۋزىدە تۇرغانلارغا يول ئېچىپ بېرىش .

  5. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورگانلارنى ئىخچاملام ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش ، مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ، بىردەك جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش .

  6. سىستېمىلاشقان ۋە رايونلاشقان پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، پۇل مۇئامىلىنى ئېقىن سۇغا ئايلاندۇرۇش .

  7. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ، شەھەر–بازارلاشتۇرۇشتا ‹‹3 يۈز مىليون ئادەم ›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىش: تەخمىنەن يۈز مىليون يېزا ئىگىلىكىدىكى كۆچمە نوپۇسنى شەھەر–بازارلارغا ماكانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ، تەخمىنەن يۈز مىليون ئادەم ئولتۇراقلاشقان شەھەر–بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەر ۋە شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش، تەخمىنەن يۈز مىليون ئادەمنى ئوتتۇرا ، غەربىي رايونغا يېقىن جايلارنى شەھەر–بازارلارشتۇرۇشقا يېتەكلەش .

  8. ئىختىساسلىقلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئېرىشكىنىنى ماسلاشتۇرۇپ ، ئىختىساسلىقلارنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش .

  9. شەھەر–بازارلاشتۇرۇشتا ‹‹بىر تەرەپتە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ ، بىر تەرەپتە كەپىلىك مەھەللىلەر تۇتىشىپ كېتىش›› نىڭ ئالدىنى ئېلىش .

  10. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش — خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى . كىرىم — خەلق تۇرمۇشىنىڭ مەنبەسى . ئىجتىمائىي كاپالەت — خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۇلى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر