باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى باۋ مىڭدېنى زىيارەت

2014.03.07 17:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقاتخانىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقاتخانىسى بىرلەشمە پارتكومىنىڭ سابىق سېكرېتارى، ئەدەبىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، ئەزا باۋ مىڭدې يېقىندا مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  ئەزا باۋ مىڭدې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئېلىپ كەلدىم: 1-ئومۇمىي خەلقنىڭ ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش. ئوقۇش-شەخسلەر، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەلۇماتى ۋە ساۋاتىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلق ئوقۇش كۈنىنى تەسىس قىلىشنى قوغداش، ھەر قايسى تەربىيەلەش باسقۇچلىرىدا ئۆلچەمگە يېتىشنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوغداش كېرەك. 2-جۇڭگودىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، سەنئىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش. بۇرۇن چەتئەللەرنىڭ مەدەنىيەت، سەنئىتىنى ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش بىر قەدەر كۆپ بولغان ئىدى، ئەمەلىيەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى كۆپ خىل ھەم رەڭدار، دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت، سەنئەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش-ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، يېتىشسىزلىكنى تۈگىتىپ، ئۆزلۈك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەدەنىيەتنىڭ يېقىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 3-مائارىپ تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر قىسىم تەكلىپ ئېلىپ كەلدىم. مەسىلەن: ئالىي مەكتەپلەر مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، شەھەرلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلىپ ھەقىقىي ئادىل مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار. بۇندىن باشقا، ئالىي مەكتەپلەر مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئاشكارىلىق، ئادىللىقنى كۈچەيتىشى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە ماكان ھازىرلاپ بەرمەسلىكى كېرەك.

  ئەزا باۋ مىڭدې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىككى نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشقاندىن بۇيان، 15، 16 تەكلىپىمنىڭ نۇرغۇنىغا جاۋاب قايتۇرۇلدى. كەلگۈسىدە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات تېمىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى ساھەسىدە ئۆگەنگەننى داۋاملىق ئىشلىتىمىز ھەم ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تەكلىپ بېرىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر