باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوختۇرلارغا زوراۋانلىق قىلغانلار قاتتىق جازالىنىدۇ

2014.03.07 17:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن تېببىي خادىملارغا زوراۋانلىق قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىپ، دوختۇرلار بىلەن كېسەللەرنىڭ مۇناسىۋىتى داۋاملىق يامانلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە يېقىندا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دوختۇرلار ئەۋلىيا ئەمەس، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا ھەممە دوختۇرنىڭ كېسەللەرنى ئۆلۈمدىن تولۇق قۇتقۇزالىشى ناھايىتى تەس، دوختۇرلار بىلەن كېسەللەر بىر-بىرىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: 3-تەرەپ ياراشتۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ماجىرالىرىنى ھەل قىلىدىغان بىر يېشىل يول ئاچىمىز ھەم داۋالاش مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىنى كۈچلۈك كېڭەيتىمىز.

  يېقىندا چاۋجۇ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالانغان بىر كېسەلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنى يىغىپ، دوختۇرنى كوچىدا سازايى قىلدى. مۇخبىر دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئۆزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان دوختۇر ۋە كېسەل مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ دەپ سورىغاندا، لى بىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: دوختۇرلارغا زوراۋانلىق قىلىش- قانۇنغا ئېغىر خىلاپ قىلمىش، بۇنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، نۇرغۇن ۋەكىل، ئەزالار دوختۇرلارنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەسىدىن ناھايىتى غەزەپلەندى ھەم بۇ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش ھەققىدە نۇرغۇن پىكىر-تەكلىپ بەردى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇلارنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈچۈن ئەينەك قىلىدۇ.

  لى بىن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇلتۇر دۆلەت مۇستەقىل قۇرۇغان داۋالاش ماجىرالىرىنى خەلق ياراشتۇرۇش كومىتېتى 53 مىڭ دېلونى تاپشۇرۇۋالدى، ياراشتۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتى %88 كە يەتتى، بۇ كومىتېتنىڭ خىزمىتى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. بۇندىن كېيىن، 3-تەرەپ ياراشتۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ماجىرالىرىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر يېشىل يولىنى ئاچىمىز شۇنداقلا داۋالاش مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىنى كۈچلۈك كېڭەيتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر