باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىبەت يېڭى يىلىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش

2014.03.07 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-مارت، لاسا شەھىرى چۈشۈي ناھىيىسى داگا يېزىسى داگا كەنت ئاھالىسى تاش لەن «كالا مۈڭگۈزى سوقۇشتۇرۇش" ئويۇنى ئويناپ ئامەت تىلىدى. (شىنخۇا ئاگېنىتلىقى مۇخبىرى ليۇ كۈنشې فوتوسى)

  2-مارتتىن باشلاپ، شىزاڭ زاڭزۇ يېڭى يىلىنى كۈتۈۋالدى. بۇرۇنقى يىللارغا ئوخشىمايدىغىنى. لاسا شەھىرى چۈشۈي ناھىيىسى داگا يېزىسى داگا كەنتىدىكى لابا چيوڭدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامبرىغا پەمىدۇر، چېچەك سەي، كۆكمۇچ قاتارلىق ھەر خىل كۆكتاتلار لىق تولدى، بالىلارمۇ بارغانسىرى كۆكتات يېيىشكە ئامراق بولۇپ كەتكەن ئىدى.

  بۇرۇنلاردا زاڭزۇ «گۆشلا يەپ كۆكتات يېمەسلىك» مەۋجۇت بولۇپ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇۋۋىتى يوق، پەقەت كالا-قويلارنى بېقىشقىلا يارايدۇ دەپ قارىلاتتى. لابا چيوڭدا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش نۇرغۇن شىزاڭلىقلار بارغانسىرى كۆكتات يېيىشكە ئامىراق بولۇپ كەتتى. ئۇلار كۆكتات ۋە گۆشنى تەڭ ئىستىمال قىلغاندا تېخىمۇ ساغلام بولغىلى بولىدۇ دەپ قارايدىغان بولدى.

  نەزىر-چىراغ بۇيۇملىرىنى تىزىش تىبەت يېڭى يىلىدىكى مۇھىم قائىدىلەرنىڭ بىرى. بۇرۇنقى يىللارغا ئوخشىمايدىغىنى، لاسا شەھەر ئاھالىسى پۇبۇ زاشى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەزىر-چىراغ بۇيۇملىرى قويۇلىدىغان ئۈستىلىگە بۇ يىل بۆلجۈرگەنمۇ قويۇلدى. بۇ توغرىسىدا پۇبۇ زاشى: ئۈستەلگە قويۇلغان نەزىر-چىراغ بۇيۇملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ زامان بىلەن تەڭ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دېدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر