شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدىكى گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شېي خۇەنچى فوتوسى)
6-مارت، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۈن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 6- مارت، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 12-نۆۋەتلىك 2- يىغىنىدىكى بىر قىسىم ئۆمەك ــ گۇرۇپپىلارنىڭ ئايرىم ـ ئايرىم مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.
شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. جۇ شياۋدەن، لى لىلى، شى رۇنشيا، خې يوۋلىن قاتارلىق ۋەكىللەر يەرلىكنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولى بويىچە يېتەكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش مۇھىتىنى پاكلاش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. شى جىنپىڭ ئەستايىدىل ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇردى ۋە ۋەكىللەر بىلەن تەڭ مۇزاكىرە قىلدى. ئاخىرىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى