باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋەكىل سۇ شۇلىن ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ھەققىدە سۆزلەپ، ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، زور مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك، دېدى

2014.03.07 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى مۇخبىرى: يۈ چىڭچۇ، جياڭ لىن

  «ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋەزىپىسى بارغانسىرى ئېغىرلاۋاتىدۇ، لېكىن، ئېكولوگىيەنى قوغداشتا قۇرۇق سۆزگىلا تايانساق بولمايدۇ!»

  6-مارت چۈشتىن كېيىن، فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كۈتۈۋېلىش كۈنى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، مۇخبىرلار فۇجيەننىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈچۈن، ئېلىپ بارغان كونكرېت تەدبىرلىرىنى سورىغاندا، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋەكىل سۇ شۇلىن مەردانە ئاۋازدا: «ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە ۋە زور مەبلەغ لازىم.» دېدى.

  سۇ شۇلىن مۇنداق دېدى: «ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش، ئېكولوگىيە ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىش كېرەك. دەرەخ تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەش، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەرەپلەر تېخىمۇ كۆپ مەبلەغكە ئېھتىياجلىق.»

  «كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە مەبلەغ سېلىش كېرەك. مۇھىتنى بۇزىدىغان ۋە بۇلغايدىغان يېڭى تۈرلەرنى ھەرگىز يولغا قويماسلىق لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھىت بۇلغىغۇچى قالاق كارخانىلارنى تاقىۋېتىش ياكى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن چوقۇم قەتئىي قاراغا كېلىش كېرەك!» سۇ شۇلىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: «بەلكىم، ئۇ كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىپ، ھۆكۈمەتكە باج تۆلەۋاتقاندۇ، بىراق، بۇ مەسلىدە مەسلىھەتلىشىشنىڭ ئورنى يوق! ئۆتكەن يىلى، بىز ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق، ئېلېكترلىك سىرلىغۇچ، سىمونت، خۇرۇم، قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارىيە قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلچەمگە ماس كەلمىگەن كىچىك كارخانىلارنى توختىتىۋەتتۇق.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر