باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشماقتا

2014.03.06 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئەسكەر چېكىندۈرۈشنىڭ بېكىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئافغانىستاننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئافغانىستان بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق غەربىي رايونلارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا تېرىشىشقا باشلىدى.

  مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ئەندىشىدە قېلىۋاتقان جۇڭگو- ئامېرىكا 2014-يىلى 12-ئايدا بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەندىن كىيىن ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئافغانىستاننىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىش كۈچىنى كۈچەيتمەكتە.

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە: رايون تەھلىلچىلىرى مۇنداق دېگەن: بېيجىڭ 2014-يىلىدىن كېيىنكى ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇشدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. چۈنكى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتى جۇڭگونى ئافغانىستاندا سەمىمىيەت ۋە دوستلۇققا ئېرىشتۈردى. ئۇندىن باشقا، جۇڭگو ئافغانىستاندىكى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى پاكىستان بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى كۆپەيتتى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى بۇ يىل 12-ئايدا ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن، بىراق ئافغانىستاندىكى ئەسەبىي بولغان تالىپاننىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدە توختاش ۋە ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن. كابۇل بۇ مەيدان توقۇنۇشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى.

  ئافغانىستاندا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بۇ رايوندا چەتئەل ئارمىيەلىرى بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەندىن كىيىن، ئىسلام قۇراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئافغانىستاننىڭ ئۆتكەن ئەسىرىنىڭ 90- يىللىرىدىكى ئۇرۇش ئىچىگە كېرىپ قىلىشغا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

  جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىقىندا كابۇلدا زىيارەتتە بولدى. بۇ، بېيجىڭنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالدى. ۋاڭ يى ئافغانىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن، ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنىڭ جۇڭگوغا بولغان مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئافغانىستان ئالاھىدە ۋە مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا پۈتكۈل رايوننىڭ خاتىرجەملىكى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  جۇڭگونىڭ بۇ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئافغانىستاننىڭ ئەگەر سىياسىي ۋە مىللەتلەرنىڭ پارچىلىنىشدەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىغان بولسا، كەلگۈسىنىڭ يوقلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: شۇڭا، جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە كەڭ قۇرساقلىق سىياسىي يارىشىشىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇرۇش مۇئەللىمانچىلىقى ئازابىدا قالغان بۇ دۆلەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ھەمدە ئىقتىسادى تەرەققىي قىلسىلا، نامراتلىق مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەسەبىيلىك ئەۋج ئالغان تۇپراقنىڭ تۇگىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى، جۇڭگو ئافغانىستان، پاكىستان، تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك يىللىق ئۇچرىشىشنى ئۇرۇشتۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئافغانىستاننىڭ بۇ رايوننىڭ ياردىمى ئارقىسىدا سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

  يېقىندا پاكىستاننىڭ پايتەختىدە بېيجىڭ بىلەن ئىستانبۇل قانداق قىلىپ بىرلىشىپ ئافغانىستانغا مۇقىملىق ئىلىپ كېلىدۇ دېگەن مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنغان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، تەسىر كۈچىگە ئىگە پاكىستاننىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى، پاكىستان جۇڭگو تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى ھۆسەيىن جۇڭگونىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ھۆسەيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان بىردىن بىر چوڭ دۆلەت. جۇڭگو ئافغانىستانغا دەرىجىدىن تاشقىرى ھەربىي ئىشلار ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە يۈك بولمايدىغان مۇھىم چوڭ دۆلەت. ئىلگىرى، ئۇلار ئافغانىستاننىڭ ئىشلىرىغا ئەزەلدىن پاسسىپ ئارىلاشمىدى ، شۇڭا، جۇڭگونىڭ ئوبرازى ئىنتايىن ئىجابىي بولدى. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو ئافغانىستان ئىقتىسادىيدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى.

  مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو خەلقنىڭ تىنچلىق ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىشنى قولغا كەلتۈرۈش جەمئىيىتىدىن چىن خۇيفەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئافغانىستان مەسىلىسىدە جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى بىردەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ 2014- يىلدىكى ئۆتكۈنچى تىنچلىقنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىنى، ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى كۇچلەرنىڭ سىياسىي تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىدا كەم بولسا بولمايدۇ.ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى ئىمزالىشى قوشنا دۆلەتلەر كۆڭۈل بىلىدىغان مەسىلىلەر بولۇپ، بۇ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك .

  ئۇ مۇنداق دېدى: مەزكۇر رايونىدىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي پىلاننى بېكىتىپ ، ئۇزاق ۋاقىت ئارقىغا سورۇلۇپ كېلىۋاتقان ئافغانىستان توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىشكە ياردەم بېرىشى كېرەك . ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئافغانىستاننىڭ يارىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇرۇش ۋە ھەربىي ھەرىكەت بولمىغان يېڭى يولنى تېپىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ تۈپ يىلتىزىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئافغانىستاننىڭ رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىغا قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  پاكىستاننىڭ ئافغانىستان تالىپانلىرى بىلەن ئالاقىسى بار، بۇ ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئەمدىشىسىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە، بىراق ئىسلام ئاباد يېڭى دېھلىنىڭ ئافغانىستان ئىشلىرىغا ئۆزلۈكسىز قاتنىشىۋاتقانلىقىدىنمۇ ئەمدىشە قىلماقتا. تەنقىدچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە: ئافغانىستاننىڭ داۋاملىق مۇقىمسىز بولۇشى، پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ توقۇنۇش ئۈزۈلمەيۋاتقان بۇ دۆلەتتىن پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ۋاكالەت ئۇرۇشى ئىلىپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.

  پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئەخمەتخان مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو مەزكۇر رايونىدىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئىستراتېگىيە جەھەتتە مۇھىم بولغان، ئۆزىنىڭ غەربىي رايون چېگرىسىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى بۇ رايوندا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى ئويناشقا تەييارلانماقتا، بۇ تەبىئىي ئەھۋال.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر