باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەكىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكىلەرنى يوقلىدى

جاڭ لېي، ياۋ تۇڭ

2014.03.08 08:26         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز 3 – مارت چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بېيجىڭ شەھىرى تىنچلىق كوچىسى 1 – ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ، بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مەكتەپ رەھبەرلىرىگە: ئالدى بىلەن سىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، سىلەرنىڭ شىنجاڭلىق بالىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىگىنىڭلارغا رەھمەت، دېدى.

  تىنچلىق كوچىسى 1 – ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ رەھبەرلىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازغا شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ: مەكتىپىمىزدە 2006 – يىلى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغان، ھازىر 300دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتىدۇ، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىۋاتىدۇ، ھەر يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

  ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز بۇ ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم خاتىرىلىدى، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش، تۇرمۇش كاپالىتى، كېيىنكى تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى.

  ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنىمغا خېلى يىللار بولدى، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ھەققىدىكى تەسىراتى ۋە قارىشىنى ئىگىلەپ، قىممىتى بار، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان نۇرغۇن ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر توپلىدىم. بۇ يىلقى ‹‹ئىككى يىغىن››دا يەنە تەكلىپ بېرىمەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ سىياسەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن.

  ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى، بالىلارنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر