- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قاغىلىق ناھىيەسىدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سۇنغان تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنىڭ ئىجراسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
2014.03.08 00:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋەر قىلىدۇ: قاغىلىق ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالار سۇنغان تەكلىپ تەۋسىيەلىرىنىڭ ئىجراسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك 2-ئومۇمىي يىغىندا ھەر مىللەت ئەزالىرى سۇنغان تەكلىپ-تەۋسىيە 106 پارچە بولۇپ، مائارىپ، سەھىيە ساقلىق ساقلاش، مەدەنىيەت، سۇچىلىق، مەدەنىيەت بازارلىرىنى ساپلاشتۇرۇش، يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھالەرگە چېتىشلىق ئىدى. ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ تەۋسىيەلەرنىڭ ئىجراسىنى تەكشۇرۇشتىن بۇرۇن «سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا بىر پارچە خەت»، «تەكلىپلەرنى قانداق يېزىپ تاپشۇرۇش كىرەك» دېگەن ماتېرىياللارنى بېسىپ تارقىتىپ، ئەزالارنىڭ ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سۈپەتلىك تەكلىپ-تەۋسىيە سۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. نەتىجىدە بۇ يىل 5-مارتقىچە 102 پارچە تەكلىپ-تەۋسىيە ھەل قىلىندى.
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر