باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ سەنيۈن: دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز

2014.03.08 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى، ۋەكىل ۋاڭ سەنيۈن دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنى قانداق بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ھازىرقى خىزمەت ئاساسىدا ئومۇم تەلەپنى كۈچلۈك ئىگىلەپ، ۋاقىت تەرتىپىنى ئېنىق بېكىتىپ، رايونلار بويىچە ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كاپالەت تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز. 1- تەشكىلى رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆلكە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەر بويىچە مەسئۇل بولۇش، ھەر قايسى تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، پۈتۈن جەمئىيەت كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشتەك خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىمىز؛ 2-بىر تۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، غەربىي رايون ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى تىرىشىپ توپلاپ، تەجرىبە بىلەن تەمىنلەيمىز. 3-باھالاشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشى كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى، ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر