باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلغىنىمىزدەك، بۇلغىنىشقىمۇ قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك

2014.03.08 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خەلىقنىڭ تۇرمۇشىغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. تۈتەك ــ تۇمانلىق ھاۋانىڭ كەڭ تارقىلىشى، مۇھىت بۇلغىنىشىدىكى زىددىيەتنىڭ گەۋدىلىنىشى، تەبىئەتنىڭ يىرىك تەرەققىيات ئۇسۇلىمىزغا قىزىل چىراق ياندۇرغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىشىمىز، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىشىمىز لازىم.

  بۇلغىنىشنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قاتتىق قول بولۇشىمىز كېرەك. بۇ يىل كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان 50 مىڭ پار قازىنى شاللىنىدۇ، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئېلېكتىر ئسىتانسىلىرىنىڭ گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىلىشى 15 مىليون كىلوۋاتقا، نىتراتسىزلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلىشى 130 مىليون كىلوۋاتقا، توزانسىزلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلىشى 180مىليون كىلوۋاتقان يېتىدۇ. مۇھىت بۇلغايدىغان ماشىنا ۋە كونا ماشىنىلاردىن ئالتە مىليونى شاللىنىدۇ. دۆلەتلىك تۆتىنچى دەرىجىلىك ئۆلچەمگە چۈشكەن ماشىنىلار دىزېل مېيى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. سۇ پاكىزلاش ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلۇپ، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، نۇقتىلىق ئېقىنلارنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش كۈچەيتىلىدۇ. تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشى تۈزىلىپ، گۈزەل يېزا بەرپا قىلىنىدۇ. بىز نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلغىنىمىزدەك، بۇلغىنىشقىمۇ قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك.

  ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئۇسۇلىدىكى ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئېنېرگىيەنى تىجەش، بۇلغىنىشنى ئازايتىشقا كۈچەپ، ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ خوراش ئومۇمىي مىقدارى تىزگىنلىنىدۇ. بۇ يىلقى ئېنېرگىيەنىڭ خوراش سىجىللىق دەرىجىسىنى %3.9 كە چۈشۈرۈپ، گۈڭگۈرت دىئوكسىد ۋە خېمىيىۋى ئايروبىكنىڭ قويۇپ بىېرىلىش مىقدارىنى %2 كە چۈشۈرۈش لازىم.

  ئىكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەرنى ئورمانلىق ۋە ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم بۇ يىللىق قايتۇرۇش كۆلىمى بەش مىليۇن موغا يەتكۈزۈلىدۇ. چارۋىچىلىقتىن قايتۇرۇپ ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنش ۋە تىزگىنلەش، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش، چۆللىشىپ كېتىشنى تىزگىنلەش، سۇلۇق يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۈچ دەريا مەنبەسىنىڭ ئىكولوگىيەسىنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ. ئاساسىي ئىقتىدار رايونى تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، رايون ھالقىغان، ئېقىن ھالقىغان ئېكولوگىيە تولۇقلىما مېخانىزمى قۇرۇلىدۇ. ئېكولوگىيەنى ئاسراشنىڭ جاپاسىنى ھازىر تارتساقمۇ، ھالاۋىتى كېيىن كۆرۈلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە پۈتۈن جەمئيەت تېز پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ياشاۋاتقان ماكانىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز لازىم.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر