باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىگرا رايونلاردا سىترولۇق مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇش

2014.03.07 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز مۇخبىرىمىز ۋاڭ مىڭخاۋ، شيې جېنخۇا خەۋىرى

  5-مارت چۈشتىن كېيىن، گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ھەققىدە قىزغىن مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى چېن ۋۇداۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «گۇاڭشى دېڭىزغا ۋە چېگراغا يانداش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقىنى ساقلاش ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر. مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، رازىمەنلىك دەرىجىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىىسىدىن، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە تۇرۇپ ئىناق گۇاڭشى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.»

  گۇاڭشىنىڭ چىگرا لىنىيەسى ئۇزۇن، ئۆتكەل كۆپ، دۆلەت ۋە چىگرا ھالقىغان جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىر قەدەر گەۋدىلىك، چىگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ۋەزىپىسى خېلىلا ئېغىر. دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى ساقلاپ، چىگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بولسا گۇاڭشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شۇ كۈنكى ئومۇمىي يىغىنىدا، چېن ۋۇداۋ ساقچىلارنى پەن-تېخنىكا بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، بايلىقنى يىغىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە «تور» قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سىترولۇق مۇداپىئە سېستىمىسى قۇرۇش؛ يىللىق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بىرىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلۈك مۇقىملىقنى ساقلاش «تەدبىر»ىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر