باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى ياخشى تەكلىپلارنى ئېلىپ كەلدى

2014.03.08 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا مۇخبىر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ جۈەنجۈەننى زىيارەت قىلدى. ئۇ بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئەڭ ياش ۋەكىل. 1983-يىلى تۇغۇلغان، خۇنەننىڭ شىنخۇا ناھىيەسى ساۋجيا بازىرى جەنۋاڭ كەنتلىك ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. ياڭ جۈەنجۈەن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلىدىكى ئىككى يىغىندا مەن يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە تەكلىپ بەرگەن ئىدىم، بۇ تەكلىپىنى شۇ چاغدىكى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قاتناش مىنىستىرى ياڭ چۈەنتاڭنىڭ ھەل قىلىشىغا بۇيرىدى، شۇ چاغدا مەن زىممەڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەسئۇلىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ھەمدە سالماقلىق گەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا مەن بۇ يىل تەكلىپىمنى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە قىلىش، مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن جايلارنى زىيارەت قىلدىم، بىر يىلدىن بۇيان، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا دەم ئالمىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: يېزىلارنى قانداق قىلىپ ئادەم قېلىپ قالغۇدەك مۇھىتقا ئىگە قىلغان، يېزىلارغا ھاياتى كۈچ قوشقاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېزىلاردا يىلتىز تارتقۇزغىلى بولىدۇ. بۇ يىل مەن بۇ ھەقتە ئىككى يىغىنغا تەكلىپ ئېلىپ كەلدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر