باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

25 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغانلار مۇھىتنى تىزگىنلەشكە كۆڭۈل بۆلمەكتە

2014.03.08 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ كۈنلەردە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقماقتا ۋە مۇزاكىرە قىلماقتا. پۇقرالارنىڭ دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلىش قىزغىنلىقىمۇ تۆۋەن ئەمەس. ئۇلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىدۇ؟ تۆۋەندە بىز ئىككى يىغىندىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى.

  25 ياشتىن ئاشقان ياشلار مۇھىت مەسىلىسىنى ئەڭ كۆپ مۇزاكىرە قىلىشماقتا. 30 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغانلار تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ئەڭ كۆپ مۇزاكىرە قىلماقتا. نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلاردىن بايقىلىشىچە، 45 ياشتىن ئاشقانلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلمەكتە. تەخمىنەن ٪40 تورداش يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ چوقۇم ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ٪60 تورداش بۇنىڭغا بىر ئۇزۇن جەريان كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يېمەكلىك كەسپى زەنجىرى ئۇزۇن، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى تۆۋەن ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق- يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ توساق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر