باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا مالىمانچىلىقى 100 يىلدىن كېيىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشنى قايتا قوزغاپ قويارمۇ ؟(1)

2014.03.07 17:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن 3-مارت غەربىي شىمالدىكى لېنىنگراد كېلىپ، غەربى قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىق مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن 4-مارت مانېۋىرغا قاتناشقان ھەر قايسى غەربىي قىسىم پولىكلىرىنى بازىسىغا قايتىپ كېلىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈردى، رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ پىچىقىنى غىلىپىغا سېلىۋېتىشى كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى تىز سۈرئەتتە ياخشىلىيالمىدى، ئۇكرائىنا تەرەپ رۇسىيىنى قىرىمدا 16 مىڭ كىشىلىك ئەسكەر تۇرغۇزدى دەپ ئەيىبلىدى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 4-مارت كىيېۋغا بېرىپ، غەربپەرەس ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە«يەل بەردى».ئوباما بولسا رۇسىيىنى «تارىخىي ئېقىمغا قارشى يول تۇتتى» دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە رۇسىيىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، ئۇنى يېتىم قالدۇرىمىز دەپ پوپوزا قىلدى. بەش بۇرجەكلىك بىنا رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، ئامېرىكىنىڭ ھەيۋە قىلىشىغا قارىتا، پۇتىن :«غەرب بولۇپمۇ ئامېرىكا ئۇكرائىنادىكى قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى» دەپ ئىنكاس قايتۇردى، پۇتىننىڭ ياردەمچىسى:«ناۋادا ئامېرىكا رۇسىيىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە پېتىنىدىكەن، رۇسىيە خەلقئارالىق سودىدا دوللار ئىشلىتىشنى توختىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايدۇ» دېدى. خەلقئارا جەمئىيەت بېرلىن تېمى ئۆرۈلگەندىن كېيىنكى ئەڭ جىددىي كرىزىسقا دۇچ كەلدى، جاھاننى ئىككىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشنىڭ پورۇق ھىدى قاپلىدى.

  گېرمانىيە تاراتقۇلىرى:«نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولسا دىپلوماتىيە ۋاسىتىسىدۇر، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك، ئەڭ مۇھىمى يۈز يىلدىن كىيىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ »دەپ خەۋەر بەردى.

  رۇسىيەنىڭ مانېۋىرغا قاتناشقان 150 مىڭ ئەسكىرى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتتى.

  «رۇسىيە خەۋەر تورى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە پرېزدېنت ئاخبارات كاتىپى 4-مارت رۇسىيە ھەربىي ئالىي قوماندانى ،پرېزدېنت پۇتىننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان قىسىملار ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتتى دېدى. پۇتىن 26-فېۋرال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ غەربىي ۋە مەركىزى ھەربىي رايوندىكى 150مىڭ ئەسكەرنى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكۈزگەن.

  «ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا چېگرىلىنىدىغان رايوندىكى ھەربىي قىسىمنىڭ ھەربىي بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىنى بىكار قىلىشى ئۇنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى پەسكويغا چۈشۈرمەكچى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، پۇتىن بەلكىم ئاللىقاچان كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن .بىراق ناھايىتى نازۇك ۋە جىددىي ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى بۇنىڭلىق بىلەنلا پەسكويغا چۈشكىنى يوق،رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن نەچچە سائەت بۇرۇن، ئۇكرائىنا ب د ت غا رۇسىيەنى تاجاۋۇز قىلدى دەپ دەۋا قىلدى، ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى بايانات ئېلان قىلىپ:« 24-فېۋرالدىن تارتىپ ، رۇسىيە قېرىمدا 16مىڭ كىشىلىك ئەسكەر 10 جەڭ پاراخوتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىنىڭ قارا دېڭىزغا كېرىشىنى توستى،رۇسىيە ئالاھىدە قىسىمى داۋاملىق قېرىمدىكى ھەربىي ئىشلار ۋە چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى ئۆزلۈكىدىن تەسلىم بولۇشقا قىستىدى.»دېدى.بىراق رۇسىيە قارا دېڭىز فلوتىنىڭ بىر باياناتچىسى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، رۇسىيە دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى ئۇكرائىنانىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى «ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك »دېدى.

  ئەمەلىيەتتە رۇسىيە ئارمىيىسى ۋە جەڭ پاراخوتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قېرىم يىرىم ئارىلىدىكى بىخەتەرلىك مۇئەسسەسىلىرىنى قورشىۋېلىشى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى رۇسىيە ئارمىيىسى ئۆزىگە تەھدىت سېلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى.

  «ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»نىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىدە پۇتىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھەربىي مانېۋىرنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان قېرىم يىرىم ئارىلىنىڭ جىددىيچىلىك كەيپىياتىنى پەسكويغا چۈشۈرەلمىدى، ئىلگىرى قېرىم يىرىم ئارىلىدىكى بىربىك ھاۋا ئارمىيە بازىسدا تۇرغان300 گە يېقىن ئۇكرائىنا ئەسكىرى بازىغا قايتىشقا ئورۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بازىنى ئىگىلىۋالغان رۇسىيەگە مايىل ئەسكەرلەر 4-مارت ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئېتىپ، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ بۇ بازىغا يېقىنلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى ، بۇ رۇسىيەگە مايىل قىسىمنىڭ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا قېرىم يىرىم ئارىلىنى كونترول قىلىۋالغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئوت ئېچىشى ھېسابلىنىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر