6-مارت چۈشتىن كېيىن، خەلق يىغىن سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا رەڭلىك چىراقلار چاقناپ، كەيپىيات قىزىپ كەتتى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئۈستىگە ئالغان، « 8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى خانىم-قىزلار بايرىمى جۇڭگو ۋە چەتئەل خانىم-قىزلار كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يۆيۆ كۈتۈۋىلىش زىياپىتىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن قىز ـ ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
ليۇ يەندوڭ، لى يۈەنچاۋ، يەن جۈەنچى، ياڭ جيېچې، لى خەيفېڭ ۋە پېڭ پېييۈن، خې لۇلى، گۇ شيۇليەن، ۋۇيۈن چىمۇگې، چېن جىلى، خاۋ جيەنشيۇ، ۋاڭ جىجېن قاتارلىقلار كۈتۈۋىلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى