- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
4G تورىدىن ئېلىنىدىغان ھەقنىڭ يۇقىرى بوڭلۇش مەسىلىسىنى رىقابەت بىلەن ھەل قىلىش كېرەك
2014.03.08 08:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىگە 4G تورىنىڭ تىجارەت ئىجازىتىنى بەردى، جۇڭگودا 4G تورى تىجارەتتە رەسمىي ئىشلىتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن 4G تورىدىن ئېلىندىغان ھەقنىڭ يۇقىرى بولۇشى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى مياۋ يۈ زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، 4G تورىدىن ئېلىنىدىغان ھەقنىڭ يۇقىرى بوڭلۇش مەسىلىسىنى رىقابەت بىلەن ھەل قىلىش كېرەك، دېدى.
تېلېگراف بازىرىنى پۇقراۋى كارخانىلارغا ئېچىۋېتىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، تېلېگراف كەسپىدە 19 خۇسۇسىي كارخانىغا ئىككى تۈركۈمدە كۆچمە خەۋەرلىشىش مەخسۇس تىجارەت ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدى، بۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇ ئاساسىي تېلېگراف تىجارىتىنى پۇقراۋى كارخانىلارغا ئېچىۋېتىش جەھەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر