باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىنىي سەھەدىن كەلگەن ئەزالار ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

2014.03.08 08:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دىنىي سەھەدىن كەلگەن ئەزالىرى «جۇڭگو ئارزۇسى» «كۈنمىڭدىكى تېررورلۇق ۋەقەسى» ۋە يېڭى دەۋىردىكى مەسچىت، بۇتخانا ئاممىۋىي مۇلازىمىتى قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، چىڭخەي ئۆلكىسى «تائار بۇتخانىسى» بۇتخانا باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى سەيچى.چۆجى لوجىجاسو مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسى تېگىتەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خەلق ئاممىسنىڭ ئارزۇسى. ھەر ساھە كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، ياخشى سىياسەتلەر ئىزچىل داۋاملاشسىلا، كىشىلەر ئارزۇ قىلغان بەخىتلىك ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشقا چوقۇم ئېرىشەلەيدۇ. دىنىي ساھەدىن كەلگەن ۋەكىللەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا جۇڭگو ئارزۇسى پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىدىن ئىبارەت. ئۇ يېقىندا كۈنمىڭدا يۈزبەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئادەم ئۆلتۈرۈش ئېغىر گۇناھ. بۇ ئېلىمىزدىكى بارلىق دىنلار قارشى تۇرىدىغان جىنايى قىلمىش بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن ئىنسانىيەت قارشى تۇرىدىغان ۋە كۆرۈشنى خالىمايدىغان تىرادىگىيە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر