باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ

2014.03.08 09:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى 7-مارت ئامېرىكا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۈستىدە سۆھبەت بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ رەھبىرى ۋە ئاز ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى جۇڭگونىڭ قاتتىق سۆزلەشكىنىگە پىسەنت قىلماي دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى. بۇ ئامېرىكىنىڭ شىزاڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىق ئۈستىدە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ. جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئامېرىكا پارلامېنتىنى جۇڭگونىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، شىزاڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش،شىزاڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىق ئۈستىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، شىزاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر