باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى جەمئىيەتكە ئاشكارا ۋەدە بەردى

2014.01.14 14:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسى:

  بىرىنچى، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىيدا مۇستەھكەم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، غايە – ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، سىياسىي، ئىدىيە، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە كاللىمىزنى ئىزچىل سەگەك تۇتۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە مەيدانىمىز مۇستەھكەم، بايرىقىمىز روشەن ھالدا قەتئىي قارىشى تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئاڭلىق قوغدايمىز.

  ئىككىنچى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىمىزنى ياخشىلايمىز. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىمىز. مۇھىت ئاسراشتىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەر، قىيىن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىمىز. يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ھۆججەتلەرنى ئازايتىپ، ‹‹قەغەزسىز››خىزمەت قىلىشنى تېزلىتىمىز. يىغىنلارنى ئازايتىپ، يىغىن سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. ئىقتىساد قىلىشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قارىشى تۇرىمىز.

  ئۈچىنچى، ئاممىۋى قاراش تىكلەپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. تۇنجى قوبۇل قىلغان كىشى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇنجى قوبۇل قىلغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، توغرا يول كۆرسىتىپ، كەسىپلەرنى ئەستايىدىل تونۇشتۇرۇپ، سورالغان سوئاللارغا ئېنىق، تولۇق جاۋاب بېرىپ، سۆز – ھەرىكەتتە ئەدەپلىك بولۇپ، سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان، تاكاللىشىدىغان، ئىشنى ئارقىغا سۆرەيدىغان ئىشلارنى قىلمايمىز؛ سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي ئىجازەتنامىسى، رويخەتكە ئېلىشنى جەزملەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئائىت ئىشلارنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرگەندە، بېجىرىپ بولۇش سۈرۈكىنى ئېنىق بېكىتىپ، قانۇن – نىزام، قائىدە – تۈزۈم، بەلگىلىمىلەردىكى سۈرۈك ئىچىدە ياكى ۋەدە قىلغان سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىپ بولىمىز. سۈرۈك ئىچىدە بېجىرگىلى بولمايدىغان ئىشلارغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىمىز، ئىش بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان باشقارما، ئىشخانا (ئورۇن) سەۋەبىنى يازما شەكىلدە چۈشەندۈرىدۇ، سۈرۈكىنى كىچىكتۈرۈشكە ئىلتىماس قىلسا، بېجىرىش سۈرىكىنى قايتا بېكىتىمىز؛ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ياكى توغرا ئادا قىلماسلىق، مۇلازىمەت ۋەدىسى ۋە تۈرلۈك قائىدە – تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىش، مەمۇرىي ئۈنۈم قۇرۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈش، ئالاقىدار خىزمەتلەرگە زىيان يەتكۈزۈش، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ ئوبرازىغا ۋە قارشى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىمىز.

  تۆتىنچى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرىمىز. قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاشقا ئاممىنى قاتناشتۇرۇپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاشقا ئاممىنى قاتناشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››دىكى تەلەپ بويىچە، مۇھىتنى باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەريانىغا ئاممىنى قاتناشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدايمىز. تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەريانىدا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشتىن باش تارتماسلىق، قوبۇل قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشتا ئارىلىق قالدۇرماسلىق، مۇلازىمەت تۈرلىرىنى باستۇرۇپ قويماسلىق، مۇلازىمەت سۈپىتىنى تۆۋەنلەتمەسلىك، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىنماسلىق خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويىمىز. سىياسەت ۋە تەلەپلەرگە ئۇيغۇن قۇرۇلۇش تۈرلىرى، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە يېشىل يول ئېچىپ بېرىمىز. مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجراسىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، نەق مەيداندا قانۇن ئىجرا قىلىشتا مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىنىڭ ‹‹ئالتە تۈرلۈك چەكلىمىسى››دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قانۇن ئىجراسىنىڭ ئادىل، ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. مۇھىت ئاسراش بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش تەرتىپىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەكشۈرۈش بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى ئايرىپ، كىرىم بىلەن چىقىمنى ئىككى لىنىيەلىك باشقۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشقا ئائىت مەمۇرىي جازا دېلولىرىنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  بەشىنچى، پاكلىق ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، پاكلىق ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنىمىز. دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىمىز؛ ‹‹پاكلىق مىزانى›› ۋە ئۈنۈم قۇرۇلۇشىغا ئائىت ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىمىز؛ مۇھىت ئاسراشتىكى ‹‹ئالتە تۈرلۈك چەكلىمە››نى قاتتىق ئىجرا قىلىمىز؛ ‹‹قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان سېلىق سېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش››، شۇنداقلا ‹‹باشقىلارنىڭكىنى يەپ – ئىچىش، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىش، باشقىلارنىڭ ئىشىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بەرمەسلىك، باشقىلاردىن نەرسە تەلەپ قىلىش›› قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي توسۇمىز؛ ۋەزىپە ۋە خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيمىز، ھوقۇق – پۇل سودىسى قىلمايمىز، پارا بېرىش – پارا ئېلىش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللانمايمىز؛ مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇش تۈرى ۋە مۇھىت ئاسراش مەھسۇلاتلىرى، ئۈسكۈنىلىرىگە خېرىردار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش خىزمىتىگە ئارىلاشمايمىز.

  كادىرلار، ئاممىنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ يۇقىرىقى ۋەدىمىزنى نازارەت قىلىشىنى قارىشى ئالىمىز.

  نازارەت قىلىش تېلېفونى: 4165361 –

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر