باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كەلپىن ناھىيەسىدە 5.3 بال يەر تەۋرەپ ، 468 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى

2013.12.03 08:45         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 -دېكابىر سائەت 16:34 دە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى ( شىمالىي كەڭلىك 40.3 گىرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 79.0 گىرادۇس ) دە 5.3 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى توققۇز كىلومېتىر كېلىدىكەن . دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا ، نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ناھىيە بويىچە 468 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 185 قوتان بۇزۇلغان ، ئادەم قازا قىلىش ۋە يارىلىنىش توغرىسىدا مەلۇمات يوق ئىكەن .

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن كەلپىن ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىپ جىددىي يىغىن ئېچىپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، 500 مىڭ يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيا مەبلىغى ئاجراتقان ھەمدە كۆمۈر ، يوتقان -كۆرپە ، چېدىر ۋە ئىسسىنىش بۇيۇملىرى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرغان .

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ ، 1-دېكابىر سائەت 22:00 گىچە ، كەلپىن ناھىيەسىدە جەمئىي تۆت قېتىم 2.0 بال قالدۇق يەر تەۋرىگەن . نۆۋەتتە ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇشى ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ ، جەمئىيەت تەرتىپى ياخشى ئىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان . ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى 150 يۈرۈش (دانە ) پەلتو ، يوتقان-كۆرپە ، قىشلىق ئاياق ۋە 100 دانە گىلەمنى ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر