باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگەندى

2013.11.19 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 13-نويابىر چۈشتىن كېيىن مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلار يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ئاڭلىق قويۇپ ئويلىشىپ ۋە پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىندا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ-شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بىز چوقۇم ئالغا ئىنتىلىش، پۇرسەت، مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا تېرىشىپ مېڭىشىمىز لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر