باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا باغچا رايونى قۇرۇشنى تالىشىۋاتىدۇ

2013.11.18 17:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 16-نويابىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك پارتكوم 6-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشنى ئاچقۇچ دەپ بىلىپ ، سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەركىن سودا رايونى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ ، شىنجاڭدا جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا باغچا رايونى قۇرۇشنى تالىشىۋېتىپتۇ .

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ، دېموكراتىك ئىنقىلاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جياڭ پىڭئەن ئىلگىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-يىغىنىغا ‹‹جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا باغچا رايونى قۇرۇشتىن بۇرۇنقى خىزمەتلەرنى ئىمكانقەدەر تېزرەك باشلاش توغرىسىدىكى تەكلىپ ›› سۇنغان . ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدا جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا باغچا رايونى قۇرۇشنىڭ شارائىتلىرى تەق بولغان .

  جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى : بۇ يىل 9-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتتە زىيارەتتە بولغاندا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى . شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىنىڭ قورغىنى ، دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئۈستىدە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تارماق نۇقتىسى . جۇڭگو شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ قاتاردا قەدىمىي يىپەك يولىغا جايلىشىشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەلىككە ئىگە ، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان مىللەت ، مەدەنىيەت ، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىستېمال قۇرۇلمىسىغا ئىگە . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى . ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ بايلىق مەنبەسى ، سودا، تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ، بۇ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ›› نى ئورتاق قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلەك تەسەۋۋۇرنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر