باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ قەرز قالدۇقى تىرىليونلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتتى

2013.11.18 17:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 3-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ خەلق پۇلى ۋە چەتئەل پۇلى قەرز قالدۇقى بىر تىرىليون 11 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تۇنجى قېتىم تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەبلەغ كاپالىتى ھازىرلاپ بەرگەن.

  مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قەرز تارقىتىشنى كۈچەيتكەن. 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك قەرز پۇلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.5 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 9.9 پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، يىل بېشىدىن 171 مىليارد 990 مىليون يۈەن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر