- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىۋېتسىيەلىك بىر پىروفېسسور سىنوۋدىننى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى
2013.07.16 17:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل خەۋىرى: رۇسىيە ئاخبارات تور بېكىتىدە ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ دۈشەنبە (15-چېسلا) دىكى خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق دېيىلدى: شىۋېتسىيە ئۇمە-ئارىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پىروفېسسورى ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مەخپىي كۆزىتىش پىلانىنى پاش قىلغان سىنوۋدىننى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى.
شىۋېتسىيە پىروفېسسورى سىتىفېن سىۋالفورس نورۋىگىيە نوبىل كومىتېتىنىڭ ئەزاسىغا يازغان ئوچۇق خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سىنوۋدىن باتۇرانە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆز مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدىغان شارائىتتىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق مەخپىي كۆزىتىش ئىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كۆلىمىنى پاش قىلدى.» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە