باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق ئاشىق-مەشۇقلار «مېنىڭ جۇڭگولۇق چولپىنىم» پروگراممىسىغا قاتناشتى

2013.07.15 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدىن كەلگەن «شىنجاڭلىق ئاشىق- مەشۇقلار» گۇرۇپپىسى خۇنەن تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مېنىڭ جۇڭگولۇق چولپىنىم» پروگراممىسىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇنلا، توردا «Lucky» ناملىق ناخشىسى بىلەن نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، «ئادەمنىڭ قەلبىنى ئېرىتىۋېتىدىغان نومۇر» دەپ تەرىپلەنگەن. بۈگۈن، بۇ قابىل يىگىت يۈسۈف بىلەن بەرنا قىز ئەلفىرە يەنە «مېنىڭ جۇڭگولۇق چولپىنىم» سەھنىسىگە قەدەم قويدى.

  شۇنچە ئاددىي ياسىنىشمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە سالاپىتىنى يوشۇرۇپ قالالمىغانىدى. سەھنىگە چىققاندىن كېيىن ئۇلار باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇشقىنىچە تۇردى، بىر-بىرىگە قاراشقان چېغىدا كۆزىدىن مۇھەببەت يېغىپ تۇراتتى. ئۇلار تېخى ناخشىسىنى باشلىماي تۇرۇپلا، باھالىغۇچى ۋۇ پېيسى مۇئەللىم چىدىيالماي، شۇ يەردىلا يۈزىنى ئېتىۋېلىپ، «نېمە دېگەن شېرىن» دەۋەتتى. نومۇر ئورۇنداۋاتقاندا تېخىمۇ ئۆزىنى تۇتالماي، بۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ شېرىن لەززىتىنى ئۆزىنىڭ يېنىدا ئېلىپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىپ، پۈتۈن جەرياننى تېلىفونىدا سۈرەتكە ئېلىۋالدى. (مۇخبىر: يۈجى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار