- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 14-سېنتەبىرگە سۈرۈلدى
2013.07.12 09:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئەسلىدە 2013-يىلى 20-ئىيۇل ئېلىش بېكىتىلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى 2013-يىلى 14-سېنتەبىرگە سۈرۈلگەن . ئىلگىرى بېكىتىلگەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ۋاقتىمۇ تەرتىپ بويىچە مۇۋاپىق كەينىگە سۈرۈلگەن .
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تور بېكىتى (http://www.xjkunlun.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى (http://www.xjrs.gov.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى (http://www.xjedu.gov.cn) ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشلارغا دىققەت قىلىپ تۇرسا بولىدۇ .
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزى پىدائىي مۇلازىمىتى قىلىۋاتقان ۋىلايەت (ئوبلاست ، شەھەر) دە ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ . ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم بىر كۈن ئاۋۋال (13-سېنتەبىر) ئۆزى پىدائىي مۇلازىمىتى قىلىۋاتقان ۋىلايەت (ئوبلاست ، شەھەر) لىك تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بەلگىلىگەن ئورۇندىن ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىجازەتنامىسىنى ئېلىۋېلىشى ھەم ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىجازەتنامىسىدە يېزىلغان ۋاقىت ، ئورۇن ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن ، كىملىكى ياكى كۈچكە ئىگە ۋاقىتلىق كىملىكى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىجازەتنامىسىنى ئېلىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك .
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە