باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۇجۇ مەدەنىيىتى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى « 1-ئىيۇن» پارتىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن تەڭ ئېچىلدى

2013.07.02 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ بىرلەشمىسى باشچىلىقىدا شىنجاڭ شۇەيچى ھۆسىن خەت-رەسىم گۈزەل سەنئەت سارىيى ئۆتكۈزگەن « 1-ئىيۇن » پارتىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش سۇجۇ ھۆسىن خەت سەنئەتكارى شۈ شىيەن، شىيا ۋېيچۈنلەرنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتىگە ياردەم بېرىش جوڭگۇچە رەسىم كۆرگەزمىسى نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ شۈەيچى ھۆسىن خەت-رەسىم گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئېچىلدى، كۆرگەزمە 7-ئاينىڭ 10-كۈنى يېپىلىدۇ.

  كۆرگەزمىگە قاتناشقان سەنئەتكار شۈ شىيەن دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام، جۇڭگو دۆلەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، سۇجۇ دۇڭۋۇ رەسساملىق سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم دۆلەتلىك گۈزەل رەسساملار جەمئىيىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىلەردە تاللانغان ۋە كۈمۈش مېدال، مىس مېداللارغا ئېرىشكەن. ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى گۈزەل سەنئەت سارايلىرى، كەسپىي ئاپپاراتلار ۋە يىغىپ ساقلىغۇچىلار تەرىپىدىن ساقلانغان. شىيا ۋېيچۈن داڭلىق رەسسام جاڭ جىننىڭ شاگىرتى بولۇپ، ھازىر جىياڭسۇ ئۆلكىلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، سۇجۇ دۇڭۋۇ رەسساملىق سارىيىنىڭ باشلىقى، ئۇ تاغ-دەريا، ئادەم سۆرەتلىرىنى سىزىشقا ماھىر.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە بۇ ئىككى سەنئەتكار كۆڭۈل قويۇپ، 80 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر تەييارلاپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت گۈزەل سەنئەت ھەۋەسكارلىرىغا نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ساياھىتى ئارقىلىق پارتىيىمىزنىڭ 92 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلىدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە جىياڭسۇ رەسساملىق ساھەسى بىلەن شىنجاڭ رەسساملىق ساھەسىدىكىلەرگە نىسبەتەن ھۆسىن خەت ۋە رەسىم سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىلىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە چېگرا سىرتىدىكى ھۆسىن خەت ۋە رەسساملىق ساھەسىدىكى زاتلار ئۈچۈن شىنجاڭنى چۈشىنىدىغان ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە