باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

ھىندىستانلىق داڭلىق ئايال چولپان جىياخان ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى

ئۇنىڭ چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئاشكارىلاندى

2013.06.06 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جىياخان ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى داڭلىق ئارتىس ئامىتا باچچا بىلەن رول ئېلىپ، تۇنجى قېتىم تونۇلغان ئىدى.
  خەلق تورىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. تەيۋەن «مەركەز ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان بومبايدىكى بوللىۋۇد كىنو چولپىنى جىياخان بومبايدىكى ئۆيىدە ئېسلىپ ئۆلىۋالغان.

  ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ خىزمەتكارى، ئىشىك باقارى ۋە قوشنىسىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئۇنى 4-ئىيۇن كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، دەپ ھۆكۈم قىلغان. نەق مەيداندا ھېچقانداق ۋەسىيەتنامە بايقالمىغان.جەسەت ھازىر شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  جىياخان ئەنگلىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، يېقىندا ئاپىسى بىلەن ھىندىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىدە جىياخاننىڭ شەخسي ئىشلىرى سەۋەبىدىن چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا خېلى بىر مەزگىل بولغانلىقى، ئۇنىڭ تېزدىن كىنو ساھەسىگە قايتىپ كەلگۈسى بارلىقى، ئارقا-ئارقىدىن نەچچە قېتىم فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ بىلەن كېڭەشكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

  ئۇ 2007-يىلى «تىنىچ سۆيگۈ» فىلىمىدە ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى داڭلىق ئارتىس ئامىتا باچچا بىلەن رول ئېلىپ، تۇنجى قېتىم تونۇلغان ئىدى. كېيىن ھىندىستان داڭلىق كىنو چولپىنى ئامىرخان بىلەن «سىرلىق ئۈلۈم» ناملىق كىنودا باش رول ئالغان. 2010-يىلى داڭلىق ئارتىس ئاكشاي كۇما بىلەن «سۆيگۈگە تولغان ئۆي» ناملىق فىلىمدا رول ئالغان.

  ئامىتا باچچا جىياخاننىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ھەيران قېلىپ، توردا «نىمىشقا؟ جىياخان؟ نېمە ئىش بولۇپتۇ؟ راستمۇ يالغانمۇ؟ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ!!» دەپ يازغان.جىياخان ئىككى ھەپتە ئالدىدا مىكرو بىلوگىدا: «كەچۈرۈڭلار، خەت يازمىغىلى بىر مەزگىل بولدى، بەزىدە ئادەم دەم ئېلىپ كەيپىياتىنى تەڭشىشى كېرەك ئىكەن.» دەپ سۆز قالدۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە