- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


داشىرۋا جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى تۈگۈتىش مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ماختىدى
2013.06.05 17:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بىجۈرگۈچىسى نۇزې گرازىئانو داشىرۋا 3-ئىيۇن شىنخۇا تورىدا ئىمزالىق ماقالا ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقى دۇنيادا نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇسنى ئازايتىشتىكى ئەڭ چوڭ ئامىل.
داشىرۋا «جۇڭگو نامراتلىقنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئازايتىپ دۇنياغا ئىلھام بەردى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 20 يىلدا جۇڭگودىكى ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇس 37.6 پىرسەنتت يەنى يۈز مىليون ئازايدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2000-يىلى ئوتتۇرغا قويغان مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىدا 2015-يىلى نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇسنىڭ يېرىمىنى ئازايتىش پىلانلانغان، جۇڭگو بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. داشىرۋا مۇنداق دېدى: بۇ نەتىجە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق ئىسلاھات تەدبىرى ۋە مەبلەغ سېلىشىدىن بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە