باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

2013.06.05 17:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى پاكدىيار ئۆلكىسىدە 3-ئىيۇن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشى قازا قىلدى، 17 كىشى يارىلاندى.

  شۇ يەردىكى ساقچى ئەمەلدارى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: 3-ئىيۇن چۈشتە، ئامېرىكىنىڭ چارلاش ئەترىتى بىر بازاردىن ئۆتىۋاتقاندا، ھۇجۇم قىلغۇچى موتسىكىلىت بىلەن پارتلاتقۇچنى ئۇلارغا قارىتىپ ئاتقان، شۇ ھامان بازار سىرتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن. شۇ ۋاقىتتا، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سىرتقا غىزالىنىشقا ماڭغان ئىكەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھۇجۇم نىشانى ئەسلى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چارلىغۇچى ئەترىتى ئىدى، ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات بۇ ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە