باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ: يەرلىكنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە فۇنكىسىيەدە بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىش

2013.06.06 10:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تۈنۈگۈن تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، ئىقتىسادىي مەسىلە ۋە سىياسىي مەسىلە. ئۇنى مۇھىم ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ جايلار، ئالاقىدار تارماقلار «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يەرلىكنىڭ يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش يېتەكچى پىكىرىنى» ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياسىشىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىستىمالنى قاپلىغان ھەر قايسى ھالقىلاردىكى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا جەمئىيەتتە تەڭ تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېمەكلىك دورا بىخەتەرلىك خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە