باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگىلىيەدىكى %60 تېز تاماقخانىلاردىكى مۇز پارچىسى ھاجەتخانا سۈيىدىنمۇ مەينەت بولۇپ، ماكدونالد، كېنتاكىلارنىڭ ھەممىسى قارا تېزىملىككە چۈشكەن

2013.06.05 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»دىكى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى %69 تىن ئارتۇق تېز تاماقخانىلاردا سېتىلىۋاتقان مۇز پارچىلىرىدىكى باكتىرىيە سانى تەرەت قاچىسى سۇ ساندۇقىدىكى سۇدىكىدىنمۇ كۆپ ئىكەن. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خامپىشېر كوچىلىرىدىكى سودا ـ ساراي، يېمەك ـ ئىچىمەك زەنجىرسىمان تارماق دۇكانلىرىدىن مۇز پارچىسى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، باكتىرىيەسىز خالتىدا ساقلىغان، ئاندىن بىر مۇھىت كەسىپىي خادىمىنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ دۇكاننىڭ ھاجەتخانىسىدىكى تەرەت تۇڭى ساندۇقىدىن ئەۋرىشكە ئالدۇرۇپ، توڭلاتقۇدا ساقلاپ ، دورسىتشايېر بوۋېرنېموۋستىكى ۋېسكېس مىكرو تېخنىكا مۇلازىمەت تەجرىبخانىسىغا ئۆلچەپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

  مۇز پارچىسى تەركىبىدىكى باكتىرىيەلەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن

  زەنجىرسىماق تارماق دۇكانلار ماكدونالد، ھامبۇرگ پادىشاھى، سىتارباكىس، كېنتاكى، ناندوس، پىيززا خات، پىسا تېز تاماقخانىسى، مەززىلىك ھامبۇرگ بولكىسى ئاشخانىسى، ۋاگاماما، ياپونچە ئۈگرىخانا قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.

  22دىن 37 سېلسىيە گىرادۇسلۇق مۇھىتتا ماكدونالد، ھامبۇرگ پادىشاھى، سىتارباكىس، كېنتاكى، قىزىل ئاشخانا، نانادوش قاتارلىق ئالتە زەنجىرسىمان تارماق دۇكىنىدىكى مۇز پارچىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەندە، باكتىرىيە مىقدارى تەرت تۇڭىدىكى سۇ ساندۇقىدىكى باكتىرىيەلەردىن ئېشىپ كەتكەن.

  بۇنى مەينەت مۇز ياساش ئۈسكۈنىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان

  تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ماكدونالد، كېنتاكى، ھامبۇرگ بولكىسى ۋە ناندوستىكى مۇز پارچىلىرىدىكى باكتىرىيەلەر «تازلىقى خەتىرى» ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھامبۇرگ بولكىسى پادىشاھى ۋە ناندوستىكى مۇز پارچىلىرىدىكى باكتېرىيە مىقدارى لاياقەتلىك ئىچىملىك سۇنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە