- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭ ئاپتوبۇسىدا يالغان ئوقۇغۇچىلار كارتىسى ئىشلەتكەنلەر 150 يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ
2014.12.22 11:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-دېكابىر، بېيجىڭ مېتروسى ۋە ئاممىۋىي ئاپتوبۇسلاردا يېڭى باھا تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ. يېڭى ئاپتوبۇس بېلىتى قائىدىسىمۇ يولغا قويۇلىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك ئاممىۋىي ئاپتوبۇس گوروھىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېڭى قائىدىدە ئاپتوبۇسقا چىقىش-چۈشۈشتە كارتا سۈركىمەسلىك قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ ئۇسۇلى ئېنىقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، چىققاندا كارتا سۈرتمىگەنلەرگە ئومۇمىي مۇساپىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك جەرىمانە قويۇلىدۇ. تاق لېنىيەلىك بېلەتنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. باشقىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار كارتىسى ۋە ھەقسىزلىك كىنىشكىسى (كارتىسى)نى ئىشلەتكەنلەرگە 150 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر