باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى

2014.12.22 09:59   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى

  ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق 4-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى 20-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئاۋمېن شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  تەبرىكلەش يىغىنى ھەم ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىمدا، تەنتەنىلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.

  شى جىنپىڭ رەئىس مۇنبىرىگە چىقىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش قەسىمىگە نازارەتچىلىك قىلدى. سۈي شىئەن ئالدى بىلەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. قەسەم بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۈي شىئەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قەسەم بېرىشكە نازارەتچىلىك قىلدى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 4-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى سۈي شىئەننىڭ يېتەكچىلىكىدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. ئارقىدىن، سۈي شىئەننىڭ نازارەتچىلىكىدە، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەمۇرىي كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 15 يىلدىن بۇيان، بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم ئەمەلىيىتى مول نەتىجىگە ئېرىشتى. بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم، ئاۋمېنلىقلار ئاۋمېننى ئىدارە قىلىش، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى ئاۋمېن جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ھەقىقىي، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتى، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپى ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى، مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بەھرىمەن بولىدىغان يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاۋمېننىڭ ئىچكى جايلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى كۈنسايىن قويۇقلىشىپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۆزىگە خاس تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە نەتىجىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلەتكە بولغان ئېتىراپ تۇيغۇسى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ئۆزلۈكسىز كۈچىيىپ، قان بىلەن گۆشتەك مىللىي ھېسسىياتى ئۆزلۈكسىز چىڭىدى. جۇڭگو بىلەن غەرب مەدەنىيىتى جەملەنگەن تارىخىي مەدەنىيەت قەدىمىي شەھىرى بولغان ئاۋمېن ھاياتىي كۈچى ھەر تەرەپكە نۇر چاچقان ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئاۋمېننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئوبدان مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشتا، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئاۋمېننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق تۆت نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-داۋاملىق شىجائەتكە تولۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. 2-داۋاملىق بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان كۆپ مەنبەلىك، سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا پائال تۈرتكە بولۇش. 3-ئاساسنى داۋاملىق پۇختىلاپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تېرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش. 4-داۋاملىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتە، بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ تۈپ مەقسىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغداپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاش؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈمنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش؛ بىر دۆلەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ پەرقىنى ھۆرمەتلەش، مەركەزنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ۋەتەننىڭ ئىچكى جايلىرىغا مۇستەھكەم ئارقا تىرەك بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆز رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك، بۇنىڭغا ھەر قانداق ۋاقىتتا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.

  ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى ھەم قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ