مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار تەكلىپلەرنى ماقۇللىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇردى

2021.02.24 19:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 23-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار تەكلىپى پاكىت ۋە ساۋاتلارنى كۆزگە ئىلماي، جۇڭگوغا قەستەن بوھتان چاپلاپ، قارا چاپلاپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كانادا تەرەپكە كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شۇ جاي ۋاقتى 22-فېۋرال، كانادا فېدېراتسىيەسى ئاۋام پالاتاسى جۇڭگونىڭ كەسكىن مەيدانىغا قارىماي، شىنجاڭغا ئالاقىدار تەكلىپلەرنى جاھىللىق بىلەن ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار قاتارلىقلارغا ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىشنى يولغا قويدى»، دەپ تۆھمەت چاپلاپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاينى ئالماشتۇرۇشنى تەرغىب قىلدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىنىڭ ماھىيىتى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسى. جۇڭگو شىنجاڭ رايونى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈزگەن «زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردى، بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»نىڭ پىرىنسىپى ۋە روھىغا تامامەن ئۇيغۇن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى قايتا يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت بىخەتەر، مۇقىم بولدى، تەرەققىيات سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ.»

  ۋاڭ ۋېنبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى سىجىل كۆپەيدى. 2010-يىلىدىن 2018-يىلغىچە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليون 171 مىڭ 500دىن 12 مىليون 718مڭ 400گە يېتىپ، %25.04 ئاشتى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى پۈتۈن شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ %13.99لىك كۆپىيىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ %22.14لىك كۆپىيىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى، ھەتتا خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ %2.0لىك ئېشىش نىسبىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلار ناھايىتى ياخشى قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى.

  «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا ئەزەلدىن ‹ئىرقىي يوقىتىش› دېگەندەكلەر مەۋجۇت ئەمەس، بۇ پۈتۈنلەي جۇڭگوغا قارشى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان ئەسىر يالغانچىلىقى، جۇڭگوغا تۆھمەت قىلغان، قارا چاپلىغان بىمەنە كۈلكىلىك ئويۇن.»

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كانادادىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى ئاشكارا سىياسىيلاشتۇرۇشى ئولىمپىك نىزامنامىسىنىڭ روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك ھەرىكىتى ۋە ھەرقايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «كانادادىكى بىر قىسىم كىشىلەر جۇڭگوغا قارشى بىر تەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، قەلبىدىكى قاراڭغۇ ئۆيدىن چىقىپ يورۇقلۇقنى كۆرۈشى، جۇڭگوغا ئوبيېكتىپ، ئادىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى قارشىلىشىشتەك كونا تەپەككۇرغا بېرىلىپ كەتمەسلىكى لازىم، تېخىمۇ مۇھىمى بىلىپ تۇرۇپ بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالماسلىقى، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي كۈرەش، ھەتتا بىر پارتىيەنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتىنى جۇڭگو-كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتى ئۈستىگە قويۇۋالماسلىقى لازىم.»

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كانادا قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىزچىل جاكارلاپ كەلدى، لېكىن قىممەت قارىشىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا دەل پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشتۇر. كانادادىكى ئالاقىدار سىياسەتۋازلار ئەزەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان، ھەتتا جۇڭگوغا كېلىپ باقمىغان، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق نىقابى بىلەن شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە سىياسىي مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاشكارا ھالدا ساختا ئۇچۇر ۋە يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى تارقاتتى، بۇ دەل ئۇلارنىڭ كۆز-كۆز قىلىدىغان قىممەت قارىشىنى دەپسەندە قىلغانلىق.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، كانادانىڭ ئارىلىشىدىغان ھېچقانداق سالاھىيىتى ۋە ھوقۇقى يوق. جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە جۇڭگو تەرەپ چوقۇم قەتئىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ